UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئەمەن

ئەمەن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئەمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ؛ غولى تىك، ئۇزۇن سىزىقلىرى بار، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بار، كۆپىنچە ئۈچ قۇلاقلىق پەيسىمان يېرىلىدۇ، ئالدى يۈزى يېشىل، كەينى ئېقىش كۈل رەڭ كېلىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى قوڭغۇراققا ئوخشاش ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، بۇلار تىزىلىپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ (مېۋە مەزگىلىدە ئومۇمىي گۈل رېتى شەكلىنى ئالىدۇ) گۈلى نەيسىمان، رەڭگى سارغۇچ يېشىل، بىر ئاز سۆسۈن سىزىقلىرى بار، مېۋىسى ئورۇق مېۋە. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكىنى ياز بېشىدا گۈلى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئۇرۇۋېلىپ، يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئەمەننى ئوتتا قورۇپ قارايتىپ، بۇنىڭغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئەمەن كۆمۈرى تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يول بويلىرى ۋە دالىلاردائۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىشتىھانى ئېچىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، نورمالسىز سەپرا خىلىتلىرىنى سۈرۈش، ئۆپكىنى تازىلاش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيز ماڭدۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، تەرلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 70 گرام ئەمەن كۆمۈرىنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن گۈرۈچ سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 60 گرام ئەمەن كۆمۈرىنى 20 گرام بۇغا مۈڭگۈز قالدۇقى، 18 گرام قانتېپەر، 12 گرام پىششىق ئەگرىسۇنا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، بۇنىڭغا 15 گرام ئېشەك يېلىمى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشى، بەدەن ئاجىزلىق ۋە سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەمەننى سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، تېرىنىڭ ھۆللۈكتىن قىچىشىشى ۋە تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى