UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسانجىقئوت

سانجىقئوت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سانجىقئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ؛ چاچما يىلتىزلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈشى قارامتۇل سېرىق، ئىچى سېرىق بولىدۇ؛ غولى تىك، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئۈچ - تۆت قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقىنىڭ ئۇچى كۆپىنچە ئۈچكە يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈل رېتى كونۇس شەكلىدە، رەڭگى سۇس سۆسۈن ياكى سېرىق رەڭلىك بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى، ئورمان ياقىلىرى ۋە چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، زەھەر ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. سانجىقئوتتىن 30 گرام، قۇستىدىن 12 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 8 گرامدىن قايناق سۇ سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام سانجىقئوتنى سەككىز گرام يالپۇز، 10 گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، سەككىز گرام زىرىق، يەتتە گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئېغىز ۋە تىلدىكى يارا، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سانجىقئوتتىن 20 گرام، زىرىقتىن 35 گرام، يېڭى سويۇلغان قوينىڭ ئۆتىدىن بىر دانە ئېلىپ، ئالدى بىلەن سانجىقئوت ۋە زىرىقنى قاينىتىپ، شىلىمدەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، تېرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ئاندىن قوينىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى قۇيۇپ، ئوتتا بىر - ئىككى مىنۇت قاينىىتپ، ئوتتىن ئېلىپ سوۋۇتۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، پۇت تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سانجىقئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، سىرغىتمىلىق تېرە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سانجىقئوت ۋە قارىغاي گۈل چېڭىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، سىرغىتمىلىق تېرە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى سانجىقئوتنى تەڭ مىقداردىكى قارىغاي گۈل چېڭى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سىرغىتمىلىق تېرە ياللۇغىنىڭ تېرە يېرىلىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى