UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىزۇپا

زۇپا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ تۈۋى ياغاچلاشقان، پۈتۈن تېنىدىن خۇش پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، غولى تۈۋىدىن شاخلىنىپ يانتۇ ئۆسىدۇ، ئېگىزلىكى 20 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ راۋاج تاپمىغان شېخى ئادەتتە يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى سىلىق، ئاددىي يوپۇرماق بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، شەكلى تار يىپسىمان كېلىدۇ، يوپۇرماق ئۇچىدا يىڭنىسىمان تىكىنى بولىدۇ، ئالدى تەرىپىنىڭ رەڭگى يېشىل؛ كەينى تەرىپىنىڭ رەڭگى سۇس يېشىل، گۈللىرى زىچ، سانى كۆپ بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل كاسسىسى كانايسىمان بولۇپ، بەشكە يېرىلغان گۈل تاجىسى قوش كالپۇكسىمان، يۇقىرى كالپۇكى ئىككىگە يېرىلغان، شەكلى دىقماق تۇخۇمسىمان، تۆۋەنكى كالپۇكى ئۈچكە يېرىلغان، رەڭگى ھاۋا رەڭ كۆك كېلىدۇ، ئاتىلىقى تۆت تال بولۇپ، ئىككىسى گۈل تاجىسىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاشلىق تاغ جىلغىلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. بەلغەم بوشىتىش، ئىششىقلارنى تارقىتىش، تەرلىتىش، يەل ھەيدەش، تېرىگە جۇلا بېرىش، يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى زۇپانى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى، زىققە ۋە ھەرخىل يۆتەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. زۇپادىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ھەسەل، ئەنجۈر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زىققە، كاناي ياللۇغى ۋە ھەرخىل يۆتەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى زۇپانى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىش ۋە كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
زۇپا | UyghurWiki | UyghurWiki