UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقاغا جىگدە

قاغا جىگدە

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، جىگدىگە ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. غولىدا تىكىنى بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى كۈمۈش رەڭلىك، خۇش بۇي پۇرايدۇ. مېۋىسى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، پىشقاندا قىزىرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يىلتىز پوستى ۋە يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا قېقىپ مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، يىلتىز پوستىنى خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يېلىم چىقارغاندا غول شاخلىرىدىكى يېلىمىنى قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. مەنىي تۇتۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ھەيزنى تەڭشەش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش. ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. قاغا جىگدىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقى، ئىچ سۈرۈش، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 25 گرام قاغا جىگدە يېلىمىنى 10 گرام زەمچە، 12 گرام رويان، 15 گرام ئىتياڭىقى ئۇرۇقى، 30 گرام ماگنىي سۇلفۇر بىلەن بىللە سوقۇپ، بۇنىڭغا ئالتە تال تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ تاڭسا تېڭىپ بەرسە، سۇنۇققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قاغا جىگدە يېلىمىنى چاچقا چېپىپ بەرسە، چاچنى قارايتىپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قاغا جىگدىسىنى دەملەپ شىرىسىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەكنى ئاجىزلىقى، ئىچ سۈرۈش، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
قاغا جىگدە | UyghurWiki | UyghurWiki