قارىغاي
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قارىغاي ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ئېگىز ئۆسىدىغان، دائىم يېشىل تۇرىدىغان، قارىغايغا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى يىڭنە شەكلىدە، بەش تېلى بىر توپ بولۇپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 6 ~ 13 سانتىمېتىر، كەڭلىكى بەش ~ يەتتە سانتىمېتىر كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۇتىقى، چېڭى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كەسكەندە شاخلىغان يېرىنىڭ مايلىق پۇتىقىنى كېسىۋېلىپ، ئۇششاق يېرىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ <قارىغاي پۇتىقى> گۈلى تولۇق ئېچىلغان ۋاقىتتا، ئاتىلىق گۈل باشىقىنى يىغىۋېلىپ، سالقىندا قۇرۇتۇپ، گۈل چېڭىنى چۈشۈرۈۋېلىپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، يۇمشاق تالقىنىنى ئاجرىتىپ <قارىغاي گۈل چېڭى> خالىغان ۋاقىتتا يوپۇرمىقىنى سىيرىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ <قارىغاي يوپۇرمىقى> تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاننى نورماللاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، تىنچلاندۇرۇش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى يۇمشىتىش، قان توختىتىش، يەل ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ قارىغاي پۇتىقى ۋە قارىغاي يوپۇرمىقى 8 ~ 12 گرام، قارىغاي چېڭى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام قارىغاي پۇتىقىنى سەككىز گرام ئىزغۇل، 10 گرام چاچراتقۇ، 12 گرام كەۋرەك، 15 گرام ئۈجمە شېخى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
25 گرام قارىغاي پۇتىقىنى 20 گرام ئاق پېدىگەن يىلتىزى، 35 گرام ئۈجمە شېخى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغاي چېڭىدىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باش قېيىش ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغاي چېڭىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمدىن ئىككىنى چېقىپ پىشۇرۇپ، تۇخۇمىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىدىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ھۆل قارىغاي يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ، شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىقىدىن بولغان سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ھۆل قارىغاي يوپۇرمىقىنى 40 گرام گۈلسامساق بىلەن بىللە كۈندە بىر قېتىم سۇدا قاينىتىپ، ئىچىپ بەرسە ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ھۆل قارىغاي يوپۇرمىقىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ ئېزىپ، ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قارىغاي يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، ئېزىپ، ئۇنى تەڭ مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 25 ~ 50 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، نامازشام قارىغۇسىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغاي چېڭىنى سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.