ئالوي
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، گۆشلۈك سامساق غوللۇق، سەبرىگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى خەنجەرسىمان، گىرۋەكلىرىدە چىشسىمان تىكەنلىرى بولىدۇ، رەڭگى
يېشىل، يۇمران چېغىدا ئاق ئۇنغا ئوخشاش ماددا قاپلاپ تۇرىدۇ، يوپۇرماقلىرى غولىغا زىچراق جايلىشىدۇ؛ گۈل ساپىقى يوپۇرماق ئارىلىرىدىن
ئۆسىدۇ، گۈللىرى كۆپ، رەڭگى سېرىق بولۇپ، يۇقىرى قىسىمغا توپلىشىپ ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ غوزا شەكىللىك مېۋىسى ئۈچ
بۇرجەك شەكلىدە بولۇپ، پىشقاندا يېرىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غول يوپۇرمىقى ۋە شىرنىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. كۆپىنچە ھۆل
بويىچە ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باغ - ھويلىلاردا تەشتەكتە ئستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ئىچ سۈرۈش، مەددە چۈشۈرۈش، يۆتەل توختىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئالويدىن 5.1 ~ 4 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ھەزىم ناچارلىشىش، سازاڭسىمان مەددە، قەۋزىيەت ۋە چىش
ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل ئالوينى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 7 مىللىلىتىرنى شېكەر قوشۇپ ئىچىپ
بەرسە، زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالوينىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى سىقىپ يەرلىك ئورۇنغا بېسىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالوينىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى ۋە ھەسەلدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا كاۋاۋىچىن سۈيى قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ،
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.