غول چېچىكى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ غول چېچىكى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غول چېچىكىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 35 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى كۆپ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق سېپى قارا قوڭۇر رەڭدە، پارقىراپ تۇرىدۇ، كىچىك يوپۇرماقچىلىرى 20 جۈپ ئەتراپىدا، قىڭغىر تۇخۇم شەكلىدە، يۈزى قېنىق يېشىل رەڭدە بولىدۇ؛ سىپورا خالتىسى توپلىمى قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقچىلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئېتىكىدىكى تاش يېرىقلىرىدا توپ - توپ بولۇپ ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، يۆتەلنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
غول چېچىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىق ۋە ھەيز كەلمەي قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى غول چېچىكىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئۆپكە سىل كېسەللىكىدىكى يۆتىلىشتە، قان قۇسۇشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
غول چېچىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قاننى جانلاندۇرۇپ، بەدەنگە
قۇۋۋەت بېرىدۇ.