UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكۆكمارال

كۆكمارال

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۆكمارال ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كۆكمارالغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 - 20 سانتىمېتىر؛ يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن بولۇپ، يەر بېغىرلاپ شاخلىنىدۇ، غوللىرى كۆپ، توپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان، سېپى قىسقا، گۆشلۈك بولىدۇ؛ كونۇس شەكىللىك چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ، گۈلىنىڭ رەڭگى سېرىق، گۈل تاجى يوپۇرمىقى بەش تال بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن تېنى ئىشلىتىلىدۇ. يازدا يىغىۋېلىپ، ھۆل پېتى قايناق سۇغا بېسىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى ئورمانلىقلار، تاش دۆۋىلىرى ۋە قورام تاش ئارىلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. قان توختىتىش، يىغىلىپ قالغان قاننى تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. كۆكمارالدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سەينەك ۋە ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆكمارال يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ. كۆكمارالنىڭ تېنىنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىششىق يەرگە يىغىلغان قاننى تارقىتىدۇ. كۆكمارالنى قاينىتىپ سۈيىنى بىر غېرىچ ئېگىزلىكتىن يەرلىك ئورۇنغا قۇيۇپ بەرسە، ئىششىق ياندۇرۇپ، قاننى تارقىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كۆكمارال | UyghurWiki | UyghurWiki