ئىزمۇق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، جاغجاقئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، ئېگىزلىكى 03 ~ 70 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى تۇن قارا ياكى جىگەر رەڭدە بولۇپ، توغرىسىغا ياكى قىيپاچراق ئۆسىدۇ، ئالاھىدە سېسىق پۇرىقى بار؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، تەتۈر تېمىنە شەكلىدە ياكى تۇخۇم شەكلىدە، پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە ياپراقلىرى يەنە رەتسىز يېرىلغان، غولىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، پەيسىمان يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى كىچىكرەك بولىدۇ؛ مۇرەككەپ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى سېرىق، ئورۇق مېۋىسى سوقىچاق كېلىدۇ، ئۈچ قىرلىق بولۇپ، سىرتىدا پەردىلەشكەن قاناتسىمان ئورىغۇچىسى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ تازىلاپ، كېسىپ يالپاقلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى، بۆرتالا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى تاغ باغرى، چاتقاللىق ۋە قۇرغاق سايلىقلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
يەل ھەيدەش، قاننى جانلاندۇرۇش، قان توختىتىش، ئاق خۇننى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىزمۇق، تاغ دېنى، گۈلبوغۇن قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، رەيھان شەربىتى بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ئىزمۇقنى تۆت گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن قىزىل كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىزمۇقنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت
قىلىدۇ.