ئەدەس
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئەدەسكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پاكار
ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى جۈپ سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تۆت جۈپتىن يەتتە جۈپكىچە بولىدۇ؛ گۈلى ياز پەسلىدە
ئېچىلىدۇ، تاق ياكى جۈپ سانلىق ئومۇمىي گۈل رېتىدە ئۆسىدۇ؛ گۈل تاجى كېپىنەك شەكلىدە كېلىدۇ؛ مېۋىسى قاسىراقلىق ۋە ياپىلاق
كېلىدۇ؛ ئۇرۇقى بىر - ئىككى تال بولۇپ، شەكلى كۆپىنچە ئەينەككە ئوخشايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ ئۇرۇقىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
يۇقىرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، چىرايغا
جۇلا بېرىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەدەسنى ئىكلىلمىلىك ياكى بېھى سۈيى ۋە گۈل يېغى بىلەن بىللە ئېزىپ پېشانىغا چېپىپ بەرسە، نەزلە ۋە ئىسسىقتىن بولغان كۆز
ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەدەسنى سىركە بىلەن قاينىتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق، تىلما، ئەزادىكى قىزىللىق، قۇلاق تۈۋىدىكى
بەزلەرنىڭ ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەدەسنىڭ كۆيدۈرۈلگەن كۈلىنى قېلىن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتىپ بەرسە، كىرپىك ئورنى ۋە قاپاقنىڭ ئاجىزلىقىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەدەسنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدە چىشنى يۇيۇپ بەرسە، چىشنى ئاقارتىپ، ئېغىزغا چىققان دانىلار ۋە گال بوغۇلۇش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەدەسنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى شاتۇتنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك، ئۆپكە كېسەللىكلىرى ۋە يۆتەلگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەدەستىن 30 دانىنى پوستىدىن ئاجرىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان ئاجىزلىقىنى يوقىتىدۇ.
ئەدەسنى سىركە بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئەدەسنى كاللەكبەسەي سۈيى بىلەن ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئەمچەكنىڭ ئىششىقىنى ياندۇرۇپ، سۈتنى سۇيۇلدۇرۇپ راۋان
قىلىدۇ.
ئەدەسنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ، چوڭقۇر جاراھەتلەرنى پۈتتۈرىدۇ.
ئەدەسنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ سىركە بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چېچەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەدەسنى تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن قوشۇپ چېپىپ بەرسە، نەملە كېسەللىكى، كۆيدۈرگە ۋە پۇت - قول يېرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەدەسنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەيدىگە چېپىپ بەرسە، ئاشقازاننىڭ ئىششىقلىرىنى ياندۇرىدۇ.
ئەدەسنى قوغۇن ئۇرۇقى بىلەن بەدەنگە چېپىپ بەرسە، بەدەننىڭ تېرىسىنى پاكىز قىلىپ، چىرايدىكى سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەدەسنى سىركە بىلەن بىللە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قۇلاق تۈۋىدىكى بەزلەر ئىششىقى، ئەمچەك ياللۇغى،
يۇقىرى قان بېسىمى، يۆتەل، گال ئاغرىقى ۋە ھەرخىل ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەدەستىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن قورۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۆتەل، گال ئاغرىقى ۋە يۇقىرى قان بېسىمىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەدەسنى قوغۇن ئۇرۇقى بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق ئېزىپ، سىرتتىن چېپىپ بەرسە، ئەمچەك ياللۇغى، تىلما ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.