ئېيىقئۈزۈمى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېيىقئۈزۈمى ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پېدىگەنگە ئۇرۇقداش پاكار چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ، غولى ئىنچىكە ۋە كىچىك، كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى قىسقا، تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك، سىرتىغا قايرىلغان، قېلىن، ئالدى تەرىپى يېىشل، ئارقا تەرىپى ئاقۇش كۈل رەڭ بولىدۇ؛ بىر قانچە تال گۈلى توپلىشىپ شاخنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ. رەڭگى قىزىل. مېۋىسى شىرنىلىك، شار شەكلىدە بولۇپ، پىشقاندا ساغۇچ قىزىل رەڭگە كىرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
سۈيدۈكنى ھەيدەش، زەھەر تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېيىقئۈزۈمى يوپۇرمىقىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ئېيىقئۈزۈمىنىڭ مېۋىسىدىن 10 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي ياللۇغى ۋە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئېيىقئۈزۈمىنى سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ.