UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىيۇلغۇن

يۇلغۇن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ يۇلغۇن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، يۇلغۇنغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، كۆپىنچە ئۈچ مېتىردىن بەش مېتىرغىچە ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ، شاخچىلىرى ئىنچىكە ئاجىز كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى تەڭگىسىمان، زىچ تىزىلغان بولۇپ، گۈلى ھال رەڭدە بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىق شاخلىرى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى گۈللەشتىن بۇرۇن يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى، قۇملۇقنىڭ چەتلىرى ۋە شورلۇق جاڭگاللاردا ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. تاش بەدەندىكى ئىللەتلەرنى تارقىتىش، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزۈش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 30 گرام يۇلغۇن مېۋىسىنى 400 گرام سۇدا 200 گرام قالغۇچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقىتىپ، دۆ چاققان زەھەرنى قايتۇرۇپ، قوتۇر چاقىنى يوقىتىدۇ. يۇلغۇن مېۋىسىنى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ياكى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يۆتەل، جىگەر ۋە ئىچ ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. يۇلغۇن مېۋىسىنىڭ سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىشقا قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چىشنىڭ تۈۋىلىرىنى چىڭىتىدۇ. يولغۇن مېۋىسىنى بىر كېچە - كۈندۈز سۇغا چىلاپ ياكى قاينىتىپ كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، كىرپىكلەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزگە چۈشىدىغان ماددىلارنى توسۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، كۆز ياشاڭغىراش، كۆز جىيەكلىرىنىڭ قىزىرىپ ئىششىپ قېلىشى ۋە قىچىشىشى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. يۇلغۇن مېۋىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ ئېغىزىدىن كېلىدىغان قان ۋە سوزۇلما ئىچى سۈرۈشنى توختىتىپ، ئۆپكىنىڭ جاراھىتىنى ياخشىلايدۇ. يۇلغۇن مېۋىسىنى يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، جاراھەتلەرنىڭ ئارتۇق گۆشىنى يوقىتىدۇ. يۇلغۇن مېۋىسىنى يۇمشاق ئىزىپ يۈزىگە چېپىپ بەرسە، يۈزنىڭ رەڭگىنى جۇلالاندۇرىدۇ؛ بالىياتقۇ ئاغزىغا قويسا، ھۆللۈكنى قۇرىتىدۇ. يۇلغۇن مېۋىسىنى سۇ ۋە سىركىدە قاينىتىپ ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، تال كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. يۇلغۇندىن 12 گرام، يالپۇزدىن سەككىز گرام، چاكاندىدىن 5.3 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزىدۇ. يۇلغۇندىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ سىرتقا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام يۇلغۇننى 10 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقى، ئۈچ پارچە خام زەنجىۋىل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. يۇلغۇندىن 12 گرام، كىرەشتىن 10 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تېرە قىچىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. يۇلغۇن ۋە كىرەشتىن 12 گرامدىن ئېلىپ، بۇنىڭغا تۆت گرام خام چۈچۈكبۇيا قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
يۇلغۇن | UyghurWiki | UyghurWiki