UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىيۇمغاقسۈت

يۇمغاقسۈت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، يۇمغاقسۈتكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى يايسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ؛ غولى ۋە يوپۇرمىقى خۇش بۇي پۇرايدۇ، گۈلى كىچىك، ئاق رەڭدە. مېۋىسى يۇمىلاق بولۇپ، دورىغا ياكى تەم تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ. يۇمران غولى ۋە يوپۇرمىقى بولسا تەم تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يۇلۇۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ ئۇرۇقىنى پىشقاندىن كېيىن سوقۇپ، ئەخلەتلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق. توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مېڭە ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، تىنچلاندۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، سۇلۇق ئىششىقلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆل يۇمغاقسۈتتىن 140 گرام ئېلىپ، قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ قايناتقاندىن كېيىن، سۈيى بىلەن پۇت، قول ۋە پۈتۈن بەدەننى سۈرتۈپ يۇيۇپ بەرسە، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزىدۇ. يۇمغاقسۈت يىلتىزىدىن يەتتە تال، جامكىدىن سەككىز گرام، قومۇش يىلتىزىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزىدۇ. يۇمغاقسۈتتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزىدۇ. 150 گرام ھۆل يۇمغاقسۈتنى 70 گرام سۇڭپىياز بىلەن بىللە قايناۋاتقان سۇنىڭ ئۈستىگە سېلىپ قاينىتىپ، بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، قىزىلنىڭ سىرتقا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل يۇمغاقسۈتتىن 140 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ سوۋۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىر چىنە قېتىق قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
يۇمغاقسۈت | UyghurWiki | UyghurWiki