UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتەرتىز

تەرتىز

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، بېسىلغاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، ئېگىزلىكى 50 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى بىردىن ئىككىگىچە قايتىلانغان پەيسىمان يېرىلغان، يوپۇرماق سېپى بولىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى بىر قېتىم يېرىلغان ياكى تولۇق گىرۋەكلىك، سېپى قىسقا بولىدۇ، گۈل رېتى ئومۇمىي گۈل رېتى شەكلىدە، گۈل تاجىسى كرېست شەكلىدە، رەڭگى سۇس قىزغۇچ سۆسۈن كېلىدۇ؛ مېۋە شەكلى سوقىچاق ياپىلاقراق، ئالدىنقى ئۇچى ئويمانراق بولىدۇ؛ ئۇرۇقى ئىككى تال بولۇپ، شەكلى يۈرەككە ئوخشاپراق كېتىدۇ، بېغىر رەڭ كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى كۈزدە پىشىپ يېتىلگەندە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قاتارلىق جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھۆل سوغۇق. بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 250 ~ 500 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. تەرتىزدىن بىر كىلوگرام، سازاڭ تالقىدىن يېرىم كىلوگرام ئېلىپ، تەرتىزنى سۇس ئوتتا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئاندىن سازاڭ تالقىنىنى قوشۇپ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5.1 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى تەرتىزنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~ 4 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىدۇ. تەرتىزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
تەرتىز | UyghurWiki | UyghurWiki