شام ياغىچى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ سەبدىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، شاخلىرى ئىنچىكە، يوپۇرمىقى ئۇششاق، گۈلى سارغۇچ ئاققا مايىل، خۇش پۇراقلىق، ئاچچىق ھاراق تەمىگە ئوخشاش.
دورىغا بۇ دەرەخنىڭ گۈلى ۋە پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا، گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم
رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
تەرەت راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش.
ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 2 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
شام ياغىچىنىڭ گۈلىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ.
شام ياغىچىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ۋە سۈيىدە ئولتۇرۇپ بەرسە، ھەيز ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، بالىياتقۇ ئاغزىنى ئېچىپ تۇغۇتنى
ئاسانلاشتۇرىدۇ ۋە بالىياتقۇنىڭ ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇپ، جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
شام ياغىچىنىڭ چىلىغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى سوۋۇتىدۇ.
شام ياغىچىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ باشقا چېپىپ بەرسە، مېڭە ئاغرىقلىرى، بەلغەمدىن بولغان مېڭە ئىششىقلىرى، كۆپ ئۇخلاش
قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
شام ياغىچىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ دوۋساقنىڭ ئۈستى ۋە بالىياتقۇغا چېپىپ بەرسە، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
شام ياغىچىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شام ياغىچىنىڭ گۈلىنى پۇراپ بەرسە، مېڭىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.