UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچوڭ قەنتەرىيۇن

چوڭ قەنتەرىيۇن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ جىنتىيانا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يالغان جىنتىياناغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تېنى خورما ۋە ئوسۇڭنىڭ تېنىگە ئوخشايدۇ. ئېگىزلىكى ئىككى گەزدىن ئۈچ گەزگىچە. شاخلىرى كۆپ بولۇپ، بىر كۆتەكتىن ئۈنۈپ چىقىدۇ، شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا غۇنچىلىرى بولۇپ، كۆكنارنىڭ غۇنچىسىغا ئوخشايدۇ. يۇمىلاق، بىر ئاز ئۇزۇنچاق، گۈلى سىماۋى رەڭ، ئۇرۇقى زاراڭزا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇرۇقىنىڭ تەمى بىر ئاز تىلنى كۆيدۈرىدۇ. يوپۇرمىقى ياڭاقنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. كۆك رەڭلىك، يوپۇرمىقىنىڭ ئەتراپى ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاش چىشلىق، يىلتىزى توم، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەزگىچە بولىدۇ. قاتتىق، يىلتىزىنىڭ رەڭگى قىزىل. ھۆللىرىنىڭ رەڭگى قانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يىلتىزىنىڭ تەمى ئۆتكۈر، تىلنى كۆيدۈرىدۇ. بىر ئاز شېرىنلىكىمۇ بار، تىلنى بىر ئاز قورۇيدۇ. يىلتىزنىڭ سىقىلغان سۈيىنىڭ رېڭىمۇ قانغا ئوخشاش قىزىل، بۇ ئۆسۈملۈك ئاپتاپ كۆپ چۈشىدىغان زېمىنلار، تاغلار، دۆۋىلىكلەردە كۆپ ئۆسىدۇ، قۇۋۋىتى 10 يىلغىچە تۇرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، جىگەر ۋە تال توسالغۇلىرىنى ئېچىش، چىراينى پارقىرىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەننى تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ تەپ بولسا سۇ بىلەن، تەپ بولمىسا شاراب ئىككى گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ قەنتەرىيۇننى يۇمشاق ئېزىپ لاتىغا ئوراپ پەرجىگە قويسا، ھەيزنىڭ قېنىنى راۋان قىلىپ، بالىنىڭ تۇغۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ. چوڭ قەنتەرىيۇننى ئېزىپ خېمىر قىلىپ يەككە ھالەتتە ياكى باشقا مەلھەملەر بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يېڭى جاراھەتلەر ۋە زەخىملەرنى بىر - بىرىگە چاپلاشتۇرۇپ پۈتتۈرىدۇ؛ چوڭقۇر ناسۇر چاقىلار ۋە يانپاش ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. چوڭ قەنتەرىيۇننى ئاق ماش ئۇنى بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، پەيلەر ۋە چوڭ بوغۇملارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. چوڭ قەنتەرىيۇننى چاۋا ياغ بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرنىڭ ئېغىزى يىرىڭداپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى