كالىقۇلاق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ چۇقا كالىسى ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، كالىقۇلاققا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىككىنچى يىلى غول چىقىرىدۇ. ئېگىزلىكى 50 ~ 150 سانتېمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنىدە قويۇق، سېرىق يۇمشاق
تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك، قېلىن ۋە يۇمشاق بولۇپ، كالىنىڭ
قۇلىقىغا ئوخشايدۇ، غولىدىكى يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى يوق، يوپۇرماق تۈۋى غولى بىلەن تۇتىشىپ كېتىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل
رېتى ئۇچىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، رەتسىز بولىدۇ، غوزا مېۋىسى پىشقاندا يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى كۆپ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى سەككىز - توققۇزىنچى ئايلاردا يىغىۋېلىپ، كەسلەپ، ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ؛ يوپۇرمىقىنىمۇ شۇ ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى، سايلىق ۋە تاغ جىلغىلىرىنىڭ كۈن چۈشىدىغان قۇمساڭغۇ يەرلىرىدە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قان توختىتىش، ياللۇغنى ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كالىقۇلاق يوپۇرمىقىنىڭ تالقىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يەرلىك ئورۇنغا بېسىپ بەرسە، ھەرخىل سىرتقى زەخىمدىن بولغان قاناشقا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
كالىقۇلاقنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، جاراھەتتىن زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كالىقۇلاقنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئاۋۋال قارا شېكەر، ئارقىدىن قاينىتىلغان دورىنى ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما
خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەيگە مەنپەئەت قىلىدۇ.