UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتوشقانزەدىكى

توشقانزەدىكى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ شۇمبۇيا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، تەييارتاپ، سامان غوللۇق، توشقانزەدىكىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 80 سانتىمېتىر، غولى ئەتلىك، سېمىز، شەكلى تۈۋرۈكسىمان، رەڭگى قارامتۇل سېرىق كېلىدۇ؛ تەڭگىسىمان يوپۇرماقلىرى ئەتلىك، رەڭگى سېرىق ياكى قارامتۇل بولۇپ، خۇددى بېلىق تەڭگىسىدەك بىر - بىرىنى يېرىم يېپىپ تىزىلىدۇ، تۆۋەن قىسىمدىكىلىرى تۇخۇمسىمان، يۇقىرى قىسمىدىكىلىرى تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ باشاقسىمان گۈل رېتى تۈۋرۈككە ئوخشايدۇ. گۈلتاجىسى قوڭغۇراقسىمان، گۈل تاجى ياپراقلىرى سۆسۈن رەڭلىك، كاناي قىسمى سارغۇچ ئاق رەڭلىك بولىدۇ. غوزا مېۋىسى سوقىچاق بولۇپ، ئىككىگە يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىسىمان گۆشلۈك غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىئەتىيازدا يەردىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن بۇرۇن قېزىۋېلىپ، قۇملۇق تۇپراققا يېرىم كۆمۈپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ يالپاقلاپ توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇلغۇن ۋە بۆرە تىكىنىنىڭ يىلتىزلىرىدا تەييارتاپ بولۇپ ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەن ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. توشقانزەدىكى ۋە كۈدە ئۇرۇقىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام توشقانزەدىكىنى 20 گرام كىرەش بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قېرىلىق ۋە ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام توشقانزەدىكىنى 30 گرام يەر مەدىكى، 35 گرام بۇغا مۈڭگۈزى قالدۇقى، 30 گرام نېلۇپەر گۈل چېڭى، 35 گرام لوڭگۇ، بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ۋە بەل، پۇت سىرقىراپ ئاغرىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
توشقانزەدىكى | UyghurWiki | UyghurWiki