UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىرۇم بەدىيان

رۇم بەدىيان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قارىكۆز بەدىيانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تېنى چاسا، قىرلىق ئىنچىكە، يوپۇرمىقىمۇ ئىنچىكە، خۇشبۇي، گۈلى ئاققا مايىل سېرىق رەڭدە بولىدۇ. ئۇرۇقى كۆكرەك، ئۈچ بۇرجەكرەك غىلاپنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئارپىبەدىياندىن كىچىكرەك، تەمى ئاچچىق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. پالەچ، لەقۋا، پەي ئاجىزلىق، تۇتقاقلىق، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 2 ~ 4 گرام، بەش ياشتىن 10 ياشقىچە بولغانلارغا 5 ~ 8 گرام، 10 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. رۇم بەدىياندىن 5.1 گرامنى 25.0 گرام مەستىكى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، 30 گرام گۈلقەنت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆپ ئۇخلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. رۇم بەدىياننى قاينىتىپ سۈيىنى مائۇلھەسەلگە قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆپ جۆيلۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. رۇم بەدىيانغا گۈلقەنت، ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يېڭىدىن بولغان پالەچكە مەنپەئەت قىلىدۇ. رۇم بەدىياننى سوقۇپ چىشقا بېسىپ بەرسە، چىشنى چىرايلىق ھەم جۇلالىق قىلىدۇ. رۇم بەدىياننى چايناپ بەرسە، ئېغىز پۇراشقا، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا، يۆتەل ۋە خاپىغانغا مەنپەئەت قىلىدۇ. رۇم بەدىياننى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يېڭى تۇغقان ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ. رۇم بەدىياننى سىركە بىلەن قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى