UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچاققاق

چاققاق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ چاققاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چاققاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 150 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن تېنىدە چاققاق تۈكلىرى بولۇپ، تېرىگە تەگكەندە تېرە خۇددى چايان چاققاندەك كۆيۈپ ئاغرىيدۇ؛ غولى تىك، تۆت قىرلىق بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، ئۇزۇن سېپى بار، يوپۇرمىقى تولۇق ئۈچكە يېرىلغان ۋە ھەربىر يېرىقچە ياپراقلىرى رەتسىز پەيسىمان يېرىلغان؛ تاق جىنسلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، باشاقسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى يېشىل رەڭدە، مېۋىسى ئورۇق مېۋە، شەكلى تۇخۇمسىمان، ياپىلاق بولۇپ، رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. يازدا ۋە كۈزدە پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ دالىلىرى، يول بويلىرى، يايلاق ۋە چىمەنلىكلەردە ئۆسىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. يەل تارقىتىش، تارتىشىشنى يېشىش، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل چاققاقنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام چاققاق يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، پۇت - قول ئۇيۇشۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. چاققاقنىڭ يۇمران غول يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۇغۇتتىن كېيىنكى تارتىشىپ قېلىش ۋە بالىلاردىكى چۆچۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل چاققاق يوپۇرمىقىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغان زەھەرنى قايتۇرىدۇ. ھۆل چاققاقنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، يەلتاشمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
چاققاق | UyghurWiki | UyghurWiki