مىڭيوپۇرماق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، مىڭيوپۇرماققا
ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 80 سانتىمېتىر؛ يەر ئاستى غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ، نۇرغۇنلىغان خورما رەڭ چاچما يىلتىزلىرى بار،
غولى تىك، ئۇزۇنىسىغا ئېرىقچىلىرى بار، قىسقا، يۇمشاق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى يوق، يىپسىمان تېمىنە
شەكلىدە، بىر - ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان يېرىلغان. ھەربىر يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرىنىڭ شەكلى يىپسىمان بولىدۇ؛ گۈل رېتى باشسىمان بولۇپ،
ئۇچىدا ئۆسىدۇ، كۆپلىگەن ئۇششاق گۈللىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈلى ئاق ياكى سۇس بېغىر رەڭ، ئۇرۇق مېۋىسى ياپىلاق، قاناتلىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەملىك ۋە ئېرىق - ئۆستەڭ
بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قان توختىتىش، زەھەر تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل مىڭيوپۇرماقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۇنىڭغا خام زەنجىۋىلدىن ئازراق قوشۇپ سوقۇپ، ھاراق بىلەن قوشۇپ قىزىتىپ يەرلىك
ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل سەۋەبتىن زەخىملىنىش، سۇنۇق ۋە رېماتىزمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام مىڭيوپۇرماقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كانايچە ياللۇغى، بادامسىمان بەز ياللۇغى، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، قان تۈكۈرۈش، قان
قۇسۇشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
33 گرام مىڭيوپۇرماقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
ھۆل مىڭيوپۇرماقنى سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ.