UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئارپىبەدىيان

ئارپىبەدىيان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئارپىبەدىيانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈك تېنىدىن كۈچلۈك پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ؛ غولى تىك، ئۈستى شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۈچ - تۆت قېتىم قايتىلىنىپ، پەيسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈلى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە بولۇپ، رەڭگى سېرىق كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە يىلتىز پوستى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ، قۇرۇتۇپ، خام ياكى تۇز بىلەن قورۇپ؛ يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، ھۆل ۋاقتىدا پوستىنى سويۇۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش، يەل ۋە قويۇق خىلىتلارنى تارقىتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، ئىششىق ۋە يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. سەككىز گرام ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىنى 15 گرام خام زەنجىۋىل بىلەن بىللە سېرىق رەڭگە كەلگىچە قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرام تالقاننى گۈرۈچ شورپىسى بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش ۋە ھەزىم ناچارلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. تۆت گرام ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىنى 12 گرام كىرەش، 10 گرام قورۇلغان ئاق چۇغلۇق، 12 گرام تاغ دېنى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان چۇقۇق (گىرىژ) ۋە دوۋسۇن بېشى ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 10 گرام ئارپىبەدىيان يىلتىز پوستىنى 12 گرام شۇمشا، 10 گرام بايناق، 12 گرام دولانا، 20 گرام تەسۋىقوناق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان چۇقۇقتىكى قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئارپىبەدىيان | UyghurWiki | UyghurWiki