ئانار
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئانارغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ
بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم يۇمىلاق، گۈلى قىزىل، ئاق ياكى سېرىق رەڭدە؛ مېۋىسى شارسىمان بولۇپ، يۇمىلاق، قىزىل، پوستى ئىچىدىكى
قىزىل دانلىرى سۇلۇق، سۈزۈك مارجانغا ئوخشاش پارقىراق. بۇ ئۈچ خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى تاتلىق، ئىككىنچىسى ئوتتۇرا ھال (ئاچچىق
تاتلىق)، ئۈچىنچىسى ئاچچىق تەمگە ئىگە.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، پوستى، گۈلى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا گۈلىنى، مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى
يىغىۋېلىپ، قۇرغاق ئورۇندا ساقلاپ ئېھتىياج چۈشكەندە پوستى بىلەن ئۇرۇقىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەينى چىڭىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئىچ سۈرۈش ۋە قاناشنى
توختىتىش، مەنىينى قۇيۇلدۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، تاماق سىڭدۈرۈش، ھەزىمنى ياخشىلاش، چىش تۈۋىنى چىڭىتىش، سۈيدۈك تېمىپ
كېلىشنى ياخشىلاش، قان كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ دانىسى ياكى شەربەتلىرىدىن 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15
گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 20 ~ 30 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 30 ~ 40 گرام، 15 دىن يۇقىرى چوڭلارغا 50 ~ 60 گرام
ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام ئانار پوستىنى سۇدا قاينىتىپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ۋە
بالىياتقۇ قاناش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەش گرام ئانار پوستىنى 12 گرام سەرخىس بىلەن سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۈتۈ قۇرتنى چۈشۈرىدۇ.
12 گرام ئانار پوستىنى 250 گرام سۇدا قاينىتىپ، 100 گرام قالغاندا ئېلىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۈچەيگە ھەمەل قىلسا، تۈتۈ قۇرتنى
چۈشۈرىدۇ.
35 گرام ئانار پوستىنى سەككىز گرام تازىلانغان شور بىلەن بىللە قاينىتىپ، ئۇنىڭغا شېكەر قوشۇپ ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە،
سازاڭسىمان مەددىنى چۈشۈرىدۇ.
35 گرام ئانار پوستىنى 20 گرام زەمچە بەش بىلەن قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھورداپ ۋە سۈيى بىلەن يۇيۇپ بەرسە، ئاق خۇن قىزىرىپ كېلىشكە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئانار پوستىنى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا ياخشى
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئانار گۈلىنى سوقۇپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش، چىش ئاغرىقى ۋە بوۋاسىر قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئانار گۈلىنى سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا بېسىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئانار گۈلىنى قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ بەرسە، مەقئەت چىقىپ قېلىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئانار ئۇرۇقىنى سوقۇپ، تالقان قىلىپ كاپ ئىتىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ تاماق سىڭدۈرۈپ، ھەزىمنى
ياخشىلاپ، چىش تۈۋىنى چىڭىتىدۇ.
ئانارنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرۈپ، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىشنى توختىتىدۇ.
ئانارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىگەر كېسەللىكى، ئىستىسقا، زىققە، يۈرەك، تال كېسەللىرى ۋە ئىسسىقتىن بولغان
يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.