تىلقانات
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تىلقاناتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، كۆپىنچە يۇقىرى قىسمىدىن ئۇدۇل شاخلىنىدۇ، رەڭگى بېغىررەڭ؛ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، يۇقىرى قىسىمدىكىلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، كۆپىنچە پەيسىمان ئۈچ ~ بەش ئاچىماققا يېرىلىدۇ ياكى يېرىلمايدۇ، گىرۋەكلىرى شالاڭ ھەرە چىشلىق بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سېرىق؛ ئۇرۇق مېۋىسى شىنىسىمان يالپاق بولۇپ، قىرلىرىدا تەتۈر ئىلمەك تىكەنلىرى بار.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە قېزىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئورمان ياقىسىدىكى ئوتلاقلار، يول بويلىرى، ساي، سۇ بويلىرى ۋە ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدىكى نەم جايلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 70 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تىلقاناتتىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 ~ 70 گرام ھۆل تىلقاناتنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تىلقاناتنىڭ ئۇرۇقىنى قورۇپ قوماچلاپ، سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گرامنى رەيھان
شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن زەئىپلىكتىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھەيز توختاپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تىلقاناتنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىنى سوقۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەدەن تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.