قىزىل مارال
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۆكمارال ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قىزىل مارالغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى رەتسىز تۈگىنەكسىمان سېمىز بولىدۇ، سىرتىنىڭ رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر، گۆشى ئاق، پوستى سۇيۇلغاندىن كېيىن بېغىر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ؛ غولى تىك ياكى بىرقانچە غولى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شاخلانمايدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ ياكى سەل - پەل ئۇدۇل ئۆسىدۇ. سېپى يوق، زىچ جايلاشقان، گۆشلۈك بولىدۇ، شەكلى تەتۈر تېمىنە شەكلىدە ياكى تېمىنە شەكلىدە، گىرۋىكى ھەرە چىشسىمان بولىدۇ؛ چەكلىك ئۆگزىسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل تاجى ياپرىقى بەش تال، كىچىك، رەڭگى سېرىق بولۇپ، غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى پىشقاندا بەش پارچىغا يېرىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز پەسلىدە يوپۇرمىقىنى ئۈزۈپ، يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، تازىلاپ، يالپاقلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغلىق ئارىسىدىكى قۇملۇقلار ۋە تاش ئارىلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قورۇش، قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرامغىچە ئىشلىتىلىدۇ.
قىزىل مارال، كىچىك خوخىنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناشقا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قىزىل مارالنى 16 گرام لېپەكگۈل، 35 گرام قىزىل چۇغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇرۇلۇپ يارىلىنىش ۋە
بوغۇملارنىڭ تولغىشىپ كېتىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام ھۆل قىزىل مارال يىلتىزىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، سېرىق ھاراق ياكى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزىنىڭ
غەلۋىرەكسىمان يىرىڭلىق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
130 گرام ھۆل قىزىل مارال يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى يىرىڭلىق
ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.