قۇرتئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېچىتقۇچى زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىدىكى، قۇرتئوتقا ئۇرۇقداش بىرخىل زەمبۇرۇغ بولۇپ، ئۇ <يازلىقى ئوت، قىشلىقى قۇرت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل زەمبۇرۇغ بىرخىل پىلە قۇرتىغا ئوخشايدىغان يېشىل ھەشقىپىچەك قۇرتىنىڭ تېنىدە تەييارتاپ بولۇپ ئۆسىدۇ. قۇرت قىشتا توپىنىڭ ئىچىدە ياتقان ۋاقتىدا قۇرت ئوتى زەمبۇرۇغى ئۇنىڭ تېنىگە كىرىپ، قۇرتنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ، ئەتىياز ۋە يازدا قۇرت ئوتى زەمبۇرۇغى ئۆلگەن قۇرتنىڭ باش قىسمىدىن ئۆسۈپ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ (بەزىلىرىدە ئۆسۈپ چىقمايدۇ). ئۆلگەن قۇرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ ~ بەش سانتىمېتىر. خورما رەڭ، كېسىلگەن يۈزى ئاق رەڭلىك بولىدۇ. زەمبۇرۇغنىڭ يەردىن ئۆسۈپ چىققان قىسمى يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان، ئۇزۇنلۇقى تۆت ~ يەتتە سانتىمېتىر، قېنىق خورما رەڭ، ئۇچى تەرىپى سەل تومراق بولۇپ، پۈتۈن شەكلى خۇددى موي قەلەمگە ئوخشايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى قار ئېرىپ، تېخى ئوت - چۆپلەر ئۆسۈپ چىقمىغان ۋاقىتتا
يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا چالا قۇرۇتقاندىن كېيىن سىرتقى پوستىنى سويۇۋېتىپ، تولۇق قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ئۆپكە ۋە بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، يىلىكنى تولۇقلاش، قان توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
35 گرام قۇرتئوتقا 20 گرام سوغىگۈل، 15 گرام گۈلسامساق قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىدىن بولغان يۆتەل، قان تۈكۈرۈش،
قېرىلىقتىن بولىدىغان بەدەن ئاجىزلىقى ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام قۇرتئوتنى 35 گرام كەتىرا بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان ئازلىق، كېسەلدىن كېيىنكى ئاجىزلىق، جىنسىي
ئاجىزلىق ۋە كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 قۇرتئوتنى 35 گرام ئالقات بىلەن بىر كىلوگرام ھاراققا بىر ھەپتە چىلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىچىپ بەرسە،
بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان بەل ئاغرىقى ۋە تىز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.