ياۋا سۈپۈرگە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ لويلا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 150 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى تۇخۇمسىمان ھالەتتە بولۇپ، غولى تىك، شاخلىرى كۆپ، يۇمران ۋاقتىدا يېشىل، كەچ كۈزدە سېرىق ياكى جىگەر رەڭ بولىدۇ، يېزىلاردا سۈپۈرگە قىلىپ ئىشلىتىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ناھايىتى زىچ ئۆسىدۇ، سېپى يوق دېيەرلىك، شەكلى يىپسىمان تېمىنە شەكلىدە؛ گۈلى كىچىك، رەڭگى سارغۇچ يېشىل، بىر - ئىككى تال گۈلى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، مېۋىسى بەش قاناتلىق، ئۇرۇقى قارا ياكى قارامتۇل سېرىق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى سوقۇپ، سورۇپ ياكى قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا چەتلىرى، يول بويلىرى ۋە كۆكتاتلىقلاردا ئۆسىدۇ، كۆپىنچە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىسسىقنى قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقىدىن 12 گرام ئېلىپ، قارا شېكەر بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يەلتاشمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقىنى 10 گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، 15 گرام سەپرا ئوت يىلتىزى پوستى، 12 گرام شاپتۇل مېغىزى، سەككىز گرام
چىرىلداق قېپى، 10 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يەلتاشمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارايغىچە قورۇلغان ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقىدىن 12 گرام، سارغايغىچە ئوتقا قاقلانغان يىلان قاسىرىقىدىن تۆت گرام، سەكسەنپۇتتىن ئۈچ تال
ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەلۋاغسىمان قوقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياۋا سۈپۈرگە، ماڭدار، قۇشقاچتىلنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دوۋساق ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.