چۇپۇرشاڭ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كرېست گۈللەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، چۇپۇرشاڭغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 - 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يوپۇرماق قولتۇقىدىن شاخلايدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرىنى
توپلىشىپ، يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، پەيسىمان يېرىلىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تېمىنە شەكلىدە، تۈۋى قىسمى غولىنى
ئوراپ تۇرىدۇ. گىرۋىكىدە دولقۇنسىمان ھەرە چىشلىرى بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدىن ۋە قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى ئاق،
گۈل تاجى ياپرىقى تۆت تال بولىدۇ. قىسقا مۈڭگۈزلۈك مېۋىسى ياپىلاق، تەتۈر ئۈچ بۇرجەكلىك بولۇپ، ئۇچى ئازراق ئويمان بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يازدا گۈلى ئېچىلغاندا گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز - ئېرىق ۋە يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەت پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان توختىتىش، ئىچ سۈرۈش ۋە تولغاقنى توختىتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
70 ~ 140 گرام ھۆل چۇپۇرشاڭنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
100 گرام چۇپۇرشاڭنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
35 گرام چۇپۇرشاڭ گۈلىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 چۇپۇرشاڭ گۈلىنى 35 گرام يارماقگۈل، 40 گرام قۇشقاچتىلى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام چۇپۇرشاڭ گۈلىنى 30 گرام بارماقگۈل، 35 گرام قۇشقاچتىلى، مۇۋاپىق مىقداردا چوڭ خوخا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چۇپۇرشاڭ گۈلىنى 35 گرام قۇشقاچتىلى، 40 گرام بارماقگۈل، 20 گرام يالمانقۇلاق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، قان سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چۇپۇرشاڭنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ياكى يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئاقسىل ئارىلاش سىيىش، ئۈچەي
ياللۇغى، تولغاق، كۆزى قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىش، قان تۈكۈرۈش، قان سىيىش، بالىياتقۇدىن قان كېلىش قاتارلىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.