UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىغاز قانىتىئوتى

غاز قانىتىئوتى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ چۇقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غاز قانىئوتىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ. قۇرۇپ قالغان ۋاقىتتا قارىيىپ كېتىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى قىسقا ۋە توم، يىلتىزى كۆپ ۋە گۆشلۈك، شەكلى ئۇرچۇقسىمان بولىدۇ، غولى ئادەتتە گۈل سېپى رولىنى بېجىرىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، سېپى ئۇزۇن، غولىدىن چىققان يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، كىچىكرەك بولىدۇ، يوپۇرمىقى پەيسىمان تولۇق يېرىلغان ياكى چوڭقۇر يېرىلغان؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈللىرى زىچ ئۆسكەن بولۇپ، رەڭگى سېرىق، شەكلى كالپۇكسىمان، غوزا مېۋىسى ئۇزۇنچاق تۇخۇم شەكلىدە، ئۇرۇقى كۈل رەڭ بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغلارنىڭ نەم چىمەنلىكى ۋە ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. قان توختىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. غاز قانىتىئوتىدىن 20 گرام قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. غاز قانىتىئوتىدىن 140 گرامنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش ۋە سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. غاز قانىتىئوتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى