UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىيالمانقۇلاق

يالمانقۇلاق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سۈتلۈكئوتلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق كىچىك سامان غوللۇق، سۈتلۈكئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، غولى ئىنچىكە ۋە ئاجىز، رەڭگى سۇس قىزىل ياكى سۆسۈن يېشىل، تېنىدە ئاق سۈت بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سوقىچاق شەكلىدە بولۇپ، ياز ۋە كۈز پەسلىدە يوپۇرماق قولتۇقىدا سۇس بېغىر رەڭدىكى ئۇششاق گۈللىرى ئېچىلىدۇ، غوزا مېۋىسى ئۈچ قىرلىق، شارسىمان كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە ئورۇۋېلىپ، تازىلاپ، كەسلەپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز، دالا، يول، دەريا بويلىرى ۋە ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. قان توختىتىش، ئىسسىقنى ھەيدەش، زەھەرنى قايتۇرۇش، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 20 گرام يالمانقۇلاقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىچكى - تاشقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناش ۋە بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام يالمانقۇلاقنى سوقۇپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرم يالمانقۇلاقنى 12 گرام كۆك سېغىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي ياللۇغى ۋە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. يالمانقۇلاقتىن 25 ~ 70 گرام ئېلىپ بېلىق بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سۈتنى كۆپەيتىپ، سۈت يېتىشمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ. يالمانقۇلاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تازىلاپ يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇننى تېڭىپ بەرسە، يارىلىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. يالمانقۇلاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئوتتا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۇنجۇت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يارىنى تېز پۈتتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى