توشقانقۇلاق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، توشقانقۇلاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 - 15 سانتىمېتىر. پۈتۈن تېنى سىلىق، تۈكسىز بولىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى سوقىچاق، سېپى ئۇزۇن، گىرۋەكلىرى يىرىك، يۇمىلاق چىشلىق، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى كىچىك ۋە ساپسىز بولىدۇ؛ گۈلى كۆك، گۈل رېتى باشاقسىمان بولۇپ، تىزىلىدۇ. گۈل تاجىسى ئىككى كالپۇكقا بۆلۈنگەن. ئىككى دانە ئاتىلىقى گۈل تاجىسىنىڭ بوغۇز قىسمىغا يېپىشىپ ئۆسىدۇ، چاڭدىنى چوڭ، شەكلى يۈرەكسىمان، غوزا مېۋىسى كىچىك بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
بەدەننى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى توشقانقۇلاقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن قۇۋۋەتلەپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
توشقانقۇلاقنى يۇمشاق سوقۇپ، سۇدا يۇغۇرۇپ خېمىر قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ئىششىققا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
توشقانقۇلاقنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.