UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچىنار

چىنار

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ چىنار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، چىنارغا ئۇرۇقداش يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى چوڭ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈلى سارغۇچ يېشىل، مېۋە باشىقى شار شەكىللىك بولۇپ، خۇددى كولدۇرمىدەك ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، يول بويلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ياغىچى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. دورىغا بۇ دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى، مېۋىسى، قوۋزىقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە مېۋىسى، يوپۇرمىقى، قوۋزىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆللۈكلىرىدە ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق، مېۋە پوستى قۇرۇق سوغۇق. بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، بەرەس ۋە ھۆل جاراھەتلەرنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. چىنارنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ، ئېزىپ كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆز ئىششىقىنى تارقىتىپ، كۆزگە قۇيۇلىدىغان ھۆللۈك ۋە كۆزدىن ئاقىدىغان سۇلارنى توختىتىدۇ. چىنارنىڭ ھۆل قوۋزىقىنى سىركىدە قاينىتىپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىش ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. چىنارنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە ھۆل جاراھەتلەر ۋە ئوتتا كۆيگەن كۆيۈككە سەپسە، مەنپەئەت قىلىدۇ. چىنارنىڭ كۆيدۈرۈلگەن قوۋزىقىنى سوقۇپ، بەدەنگە چېپىپ بەرسە، بەدەننى پارقىرىتىپ، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ. چىنارنىڭ ھۆل مېۋىسىنى شاراب بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلار چاققان زەھىرىنى يوقىتىدۇ. چىنارنىڭ يوپۇرماق ۋە مېۋىسىنى چاۋا ياغ بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئوتتا كۆيگەن كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى