جۇزنەك
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، جۇزنەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، تۆت قىرلىق يۇقىرىقى قىسمى ئۇدۇل شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، سېپى قىسقا، شەكلى تېمىنە شەكلىدە ياكى سوقىچاق تېمىنە شەكلىدە، گىرۋىكى پەيسىمان چوڭقۇر ياكى تېيىز يېرىلغان؛ ئايلانمىسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، كالپۇكسىمان، رەڭگى ئاق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى يازدا ۋە كۈزدە شاخلىرىنىڭ يوپۇرمىقى ئوبدان ئۆسكەندە
كېسىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا بويى، ئورمان ئەتراپى ۋە پەس، نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
جۇزنەك، كىرەش، ئاق چۇغلۇقنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىق ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى
قان تۇرۇپ قېلىپ، قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام جۇزنەك يوپۇرمىقىنى 12 گرام كىرەش، 15 گرام گۈلبوغۇن، 12 گرام شاپتۇل مېغىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز
كەلمەي قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جۇزنەكتىن 20 گرام، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقىدىن 18 گرام، تاۋۇز شاپىقىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، پۈتۈن بەدەن
ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جۇزنەك يىلتىزى ۋە قىزىل ماشتىن 70 گرامدىن ئېلىپ، دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل جۇزنەكتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، غەلۋىرەك ۋە تاشقى زەخىملىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل جۇزنەكنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىش ۋە غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.