UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتاجىگۈل

تاجىگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، توم، يۇقىرى قىسمى سەل ياپىلاق؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە بولۇپ، تولۇق گىرۋەكلىك، سېپى بار؛ باشاقسىمان گۈل رېتى توخۇ تاجىسىغا ئوخشايدۇ، گۈللىرى كىچىك، زىچ ئۆسىدۇ، رەڭگى قىزىل، سۆسۈن، سېرىق، ئۇرۇقى ياپىلاق يۇمىلاق بولۇپ، رەڭگى قارا، پارقىراق كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە گۈلى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى پىشقاندا يىغىپ، يەر ئۈستى قىسمىنى كېسىۋېلىپ قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى قېقىۋېلىپ، گۈلىنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىپ، گۈل رېتىنى كېسىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھۆل سوغۇق. قاننى سوۋۇتۇش، يەل تارقىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قىزىتمىنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ ئۇرۇقى 4 ~ 12 گرام، گۈلى 8 ~ 24 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. تاجىگۈل ئۇرۇقى، ئۈجمە يوپۇرمىقى، سەبدىگۈل، قىرىقبوغۇمنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا تۆت گرام جىنتىيانا قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 15 گرام تاجىگۈل ئۇرۇقىنى 12 گرام پەربۇن، 10 گرام قىزىل گەج، سەككىز گرام زىرىق، 12 گرام خام ئەگرىسۇنا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز قارىچۇقى كىچىكلەپ كېتىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. تاجىگۈلدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام تاجىگۈلنى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامنى سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاجىگۈلدىن 20 گرام، ئانارنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي ياللۇغى ۋە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاجىگۈل ۋە خەيدەينىڭ ھەر بىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى