UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئالتۇن شاخ

ئالتۇن شاخ

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق،ئالتۇن شاخقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى چوڭ، ئۇزۇن سېپى بولىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى كىچىك، سېپى قىسقا ياكى يوق دېيەرلىك. يوپۇرماق شەكلى تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك ياكى سەل ھەرە چىشلىق بولىدۇ؛ باشسىمان گۈللىرى تىزىلىپ، ئومۇم گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، رەڭگى سېرىق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى دەسلەپ ئېچىلغاندا ياكى تولۇق ئېچىلىپ بولغاندا يىغىۋېلىپ، توغراپ قۇرۇتۇپ، يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە پەس تاغلىق رايونلاردىكى ئېتىز، ئۆستەڭ، دەريا بويلىرى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. يەل ھەيدەش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، زەھەر تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 70 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئالتۇن شاختىن 35 گرام خام زەنجىۋىلدىن بىر پارچە ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالتۇن شاخنىڭ ھۆل يىلتىزىدىن 70 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇغا چىلاپ، تەمى چىققاندا ئۇنىڭ يېرىمىنى ئىچىپ، يېرىمىدا غار - غار قىلىپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالتۇن شاخنىڭ قۇرۇق يىلتىزىدىن 35 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالتۇن شاخنىڭ ھۆل چۆپىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالتۇن شاخنىڭ ھۆل يىلتىزىدىن 70 گرام ئېلىپ، سوۋۇغان قايناق سۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا 35 گرام ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالتۇن شاختىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ. ئالتۇن شاخنىڭ قۇرۇق يىلتىزىدىن 35 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 35 گرام ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ئالتۇن شاختىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ خېمىردەك قىلىپ، ئۇنىڭغا رەيھان شەربىتى قوشۇپ، سۇيۇلدۇرۇپ، ئاغرىق بارماقنى ئىككى سائەت ئەتراپىدا چىلاپ تۇرسا، سەينەككە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام ئالتۇن شاخ يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 35 گرام رەيھان شەربىتى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يىقىلىپ، سوقۇلۇپ زەخىملىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالتۇن شاختىن 12 ~ 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆكيۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئالتۇن شاخ | UyghurWiki | UyghurWiki