UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىلېپەكگۈل

لېپەكگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ قامچىگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، لېپەكگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 90 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى ئىنچىكە، ئۇزۇن، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۆشلۈك، سىرتى توپا رەڭدە، غولى تىك، سارغۇچ قىزىل رەڭلىك سىزىقلىرى بولۇپ، بۇغۇمى يوغىناپ كالىنىڭ لېپىكىگە ئوخشايدۇ، ھەربىر بوغۇمىدا ئۇدۇل ئۆسكەن شاخلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، شەكلى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ؛ باشاقسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدىن ياكى ئۇچىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. گۈلى كىچىك، رەڭگى يېشىل، مېۋىسى سوقىچاق، ئىچىدە بىر تال ئۇرۇقى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى كەسلەپ، ئازراق قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇچۇڭ، ماناس، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. قاننى جانلاندۇرۇش، ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. لېپەكگۈل، بۇۋانە، چۈچۈكبۇيا، قاقىرا تۇمشۇق، كىرەشلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، دورىلار چىلاشقۇدەك رەيھان شەربىتىگە چىلاپ، بىر ھەپتە تۇرغۇزغاندىن كېيىن، قارا شېكەر، ئاق شېكەر، ناۋاتلارنىڭ ھەر بىرىدىن 250 گرامدىن قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 8 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، بەل، پۇت ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشلەنگەن لېپەكگۈل ۋە سېرىقيۆگەيدىن 20گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە بەل - پۇت تېلىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام لېپەكگۈلنى 20 گرام كىرەش، 15 گرام شاپتۇل مېغىزى، 12 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز توختاپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. لېپەكگۈلدىن 12 گرام، كىرەشتىن 10 گرام، چۈەنچۇڭدىن 12 گرام، خام يېكەن سېرىقىدىن 10 گرام، مودەن يىلتىزى پوستىدىن 12 گرام، قورۇلغان زەنجىۋىلدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالا ھەمرىيى چۈشمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام لېپەكگۈلنى 20 گرام خام ئاق چۇغلۇق، 18 گرام ئالقات، 12 گرام خام ئارپا ئۈندۈرمىسى، 35 گرام قىزىل تۆمۇر مەدىنى، 12 گرام ياز غازىڭى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 250 گرام لېپەكگۈلنى 15 گرام بۇۋانە، 500 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5.1 گرام تالقاننى قايناق سۇ بىلەن 40 كۈنگىچە ئىچىپ بەرسە، چوڭ بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
لېپەكگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki