تاماكا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تاماكىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
يوپۇرمىقى چوڭ، تۆمۈنە شەكلىدە كېلىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى غولىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل تاجى ۋارونكا شەكلىدە بولىدۇ، كانايچە قىسمى ئاچ
قىزىل ياكى ئاق رەڭدە، يېرىقچىلىرى قىزىل رەڭدە بولىدۇ؛ غوزىلىق مېۋە تۇتىدۇ، مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
چۈشكۈرتۈش، ئاغرىق توختىتىش، بەدەننى قۇرۇتۇش، نېرۋىنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
تاماكىنىڭ يوپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، گۈل يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، قان ۋە جاراھەت سۇلىرىنى توختىتىدۇ.
تاماكىنى كونا چىلىم سۈيى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئىستىسقا، يىلان چېقىۋېلىش، كۆپ سىيىش، كۆپ تەرلەش قاتارلىق
كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاماكىنىڭ چىلىمنىڭ سەيخانىدا قالغان قارا كىرىنى پىلتە قىلىپ خانازىر (بويۇن لىمفا تۇبېركۇليوزى) غا 45 كۈن ئۈزۈلدۈرمە چېپىپ
بەرسە، سوزۇلما خانازىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاماكىنىڭ كۈلىنى كۆزگە تارتىپ بەرسە، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاماكا يوپۇرمىقىغا كۆكنار يوپۇرمىقىنى قوشۇپ چېكىپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان يۆتەل، سوزۇلما يۆتەل، زىققە ۋە كۆز قاراڭغۇلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.