ئۇچقات
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئۇچقات ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئۇچقاتقا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر كېلىدۇ. ئۇششاق قاتتىق تۈكلىرى بولىدۇ؛ غولى كۆپ شاخلىنىدۇ، كونا شېخى كۈمۈش رەڭدە، قارا داغلىق چېكىتلەر بولىدۇ، بۇغۇمى زورايغان، كۆپىنچە ئىككى تال بىخ تەڭگە يوپۇرماق قالدۇقى بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، يوپۇرماق يۈزى تۇخۇمسىمان ياكى ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق يۈزى قېنىق يېشىل، ئارقا تەرىپى بىر ئاز كۈل رەڭ كېلىدۇ؛ گۈلى جۈپ بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، ئىككى تال تەرەققىي قىلغان ئورىغۇچى يوپۇرمىقى بولۇپ، ساقلىنىپ تۇرىدۇ؛ گۈل تاجىسى كانايسىمان ئىنچىكە ئۇزۇنچاق بولۇپ، ئۇچى تۆتكە بۆلۈنگەن، ئاۋۋال ئاق رەڭدە بولۇپ، ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن ئالتۇن سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، مېۋىسى شىرلىك ئۇزۇنچاق، قىزىل بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غۇنچىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسىللىرىدە گۈلى ئېچىلىشقا ئاز قالغاندا ئۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغلىق ئورمان ئارىلىرى، دەريا ۋادىلىرى ۋە چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇچقاتتىن 20 گرام، مامكاپتىن 15 گرام، سوغىگۈلدىن 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام، ئاچچىقتاۋۇز يىلتىز تالقىنىدىن 12 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ئۇچقاتنى 12 گرام كىرەش، 10 گرام مامكاپ، 12 گرام چۇقا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇچقاتتىن 35 گرام، مامكاپتىن 20 گرام، ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدىن 15 گرام، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 35 گرام، بوز تىكەندىن 20 گرام، قوڭغۇراقگۈلدىن 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئۇچقاتنى سەككىز گرام قوڭغۇراقگۈل، 10 گرام يالپۇز، تۆت گرام خام چۈچۈكبۇيا، سەككىز گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، 25 گرام ھۆل قومۇش يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، شامالدىن بولغان زۇكام ۋە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇچقاتتىن 35 گرام، مودەن يىلتىز پوستىدىن 12 گرام، خام تەسۋىقوناقتىن 20 گرام، رەۋەندىن 12 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 10 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن 12 گرام، مامكاپتىن 20 گرام، بوز تىكەندىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سوقۇر ئۈچەيگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئۇچقاتنى 18 گرام مامكاپ، 12 گرام بىنەپشە، سەككىز گرام خام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چىقان ۋە غەلۋىرەكلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇچقاتتىن 20 گرام، ئىشلەنگەن سوپۇندەرەخ تىكىنىدىن 12 گرام، 20 گرام كەتىرا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چىيقان ۋە غەلۋىرەكنىڭ ئېغىز ئالماسلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ئۇچقاتنى 35 گرام كەتىرا، 30 گرام پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى، 20 گرام قانتېپەر، 12 گرام زۇلفا شېخى، سەككىز گرام ماڭدار، 12 گرام قارىمۇچ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىرغىتمىلىق كۆكرەك پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.