سىيادان
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر ~ ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، سىيادانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى قايتىلانغان پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، ھەربىر يېرىقچە يوپۇرماقلىرى يىپسىمان ياكى يىپسىمان تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى شېخىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، رەڭگى ئاق ياكى كۆك؛ غوزا مېۋىسى ئىستاكان شەكلىدە بولىدۇ، پىشقاندا ئۇچى يېرىلىدۇ؛ ئۇرۇقى كۆپ، قارا كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ باش مايسىسى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە پۈتۈن قىسمىنى يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ سايىدا قۇرۇتۇپ، كۈز پەسلىدە پىشقان ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تاسقاپ تازىلاپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
سوغۇق يەلنى تارقىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سىيادان ئۇرۇقىدىن 100 گرام، ئارپىبەدىياندىن 200 گرام ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 4000 مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ، 1000 مىللىلىتىر قالغۇچە
قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلتۈرىدۇ.
سىيادان ئۇرۇقىدىن 10 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكام ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سىيادان باش مايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قاننى جانلاندۇرۇپ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.