UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئەينۇلا

ئەينۇلا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، سورتلىرى كۆپ، سوغۇققا چىداملىق؛ يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك؛ باھاردا چېچەكلەيدۇ، گۈلتاجى ياپراقچىسى بەش تال، ئاق، قىزىل، ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ، خۇش بۇي پۇرايدۇ؛ مېۋىسى شار شەكلىدە، رەڭگى يېشىل، پىشقاندا سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، يېگىلى بولىدۇ، تەمى چۈچۈمەل. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى تولۇق پىشمىغان ۋاقتىدا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، قۇرۇتۇلغان مېۋىنى كۈچلۈك ئوتتا شۆپۈكى كۆپكىچە قورۇپ، ئازراق سۇ چېچىپ، يەنە قۇرۇتۇپ ئەينۇلا كۆمۈرى؛ قۇرۇتۇلغان ئەينۇلىنى ئېلىپ، تولۇق نەملەپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، يەنە ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ئەينۇلا قېقى تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق. ئۆپكىدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، يۆتەل توختىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، مەددە چۈشۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 130 گرام ئەينۇلا قېقىنى 130 گرام مامرانچىن بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، ھەر كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن كاپ ئېتىپ بەرسە، قان تولغاقتىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 10 تال ئەينۇلىنى 12 گرام رەۋەن، 30 گرام ئاق چۇغلۇق، ئالتە گرام كاۋاۋىچىن، 20 گرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن، 12 گرام سەرخىس، 10 گرام قارا ئەندىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆت يولىدىكى سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەينۇلا قېقىدىن يەتتە تال ئېلىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمىگۈچە كۆيدۈرۈپ، يۇمشاق سوقۇپ ئۈچكە بۆلۈپ، گۈرۈچ سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ۋە ھەيز كۆپ كېلىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بەش تال ئەينۇلىنى 35 گرام ئارپا سامىنى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر تال ئەينۇلىنى ئىككى تال چىلان، يەتتە تال ئۆرۈك مېغىزى بىلەن بىللە سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ئاق ھاراق بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 30 تال ئەينۇلىنى بىر كىلوگرام ليۇباۋ سۈيى بىلەن بىللە يېرىم سائەت قاينىتىپ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ، كۈنىگە ئالتە قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~ 4 گرامدىن تاماقتىن ئاۋۋال ۋە كېيىن ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكى، سۈت بېزى ۋە جىگەر راكلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇشۇ سۇ بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، خەتنىگار بېشىدىكى راكقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 100 گرام ئەينۇلىنى سۇس تۇز سۈيىگە چىلاپ يۇمشىتىپ، پوستىنى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا ئاتسىدۇم سالىتسىلىكومدىن 10 گرام، پرۇكايىندىن بىر گرام قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر قىلىپ، ئاغرىق ئورۇننى پاكىز تازىلىغاندىن كېيىن چېپىپ پلاستېر بىلەن چاپلاپ قويسا، قاداققا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەينۇلا كۆمۈرىنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى