UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىمارالقۇلاق

مارالقۇلاق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پىيز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، مارالقۇلاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 - 1 مېتىر؛ يەر ئاستى قىسمى سۇڭپىياز يىلتىزىغا ئوخشايدۇ، چاچما يىلتىزلىرى توم، قىسقا، سېرىق، غولى تىك تۈۋرۈكسىمان بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى كەڭ تۇخۇمسىمان ۋە كەڭ تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ، يوپۇرماق تۈۋى تارىيىپ، تۆۋەنگە سوزۇلۇپ، غولنى غىلاپ شەكلىدە ئوراپ تۇرىدۇ. گۈل رېتى چوڭ كونۇسسىمان بولۇپ، گۈلى قولتۇقىدا ياكى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سېرىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. يازدا گۈلى ئېچىلىشتىن ئاۋۋال قېزىپ يىغىۋېلىپ، پاكىزلاپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىدىكى چىمەنلىك ۋە ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ. تەمى ئاچچىقراق تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرلىك. قۇستۇرىدۇ، قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىش، قۇستۇرۇش، قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 4 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مارالقۇلاق ۋە سۈتلۈكئوتتىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلىپ، زەخىملەنگەن ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قاتما كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 10 گرام مارالقۇلاققا بۇۋانە ۋە شوردىن 21 گرامدىن قوشۇپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، 10 گرام زەرنىخ ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، باش تەمرەتكىسى ۋە بەدەن تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مارالقۇلاقنى تالقان قىلىپ چىشقا باسسا، قۇرت يېگەن چىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. مارالقۇلاق يىلتىزىنى سوقۇپ قايناق سۇ بىلەن 5.0 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇشتىن بولغان زەخىملىنىش ۋە رېماتىزمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
مارالقۇلاق | UyghurWiki | UyghurWiki