UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئەڭلىكئوت

ئەڭلىكئوت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ بوتا كۆز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئەڭلىكئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 25 ~ 35 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئۆسۈملۈك تېنىدە يىرىك ئاق تۈكچىلەر بولىدۇ؛ ئادەتتە بىرقانچە يىلتىز يۆگىشىپ، كونۇس شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. يىلتىزىنىڭ تاشقى پوستى قارامتۇل جىگەر رەڭ، پروپكىلىق قەۋىتى قېلىن، غولى بىر تال، تىك ئۆسىدۇ ياكى تۈۋىدىن ئىككى شاخقا ئايرىلىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ساپىقى بولمايدۇ، شەكلى يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك، تولۇق گىرۋەكلىك، رەڭگى سارغۇچ يېشىل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، غولىدىكى يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. ساپسىز، كىچىك بولىدۇ؛ گۈل رېتى چايان قۇيرۇقىدەك چەكلىك كۈنلۈكسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ. گۈل تاجىسى ئۇزۇن كانايسىمان، رەڭگى سۆسۈن ياكى سۇس سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ. مېۋىسى كىچىك، قاتتىق سۆڭەكلەشكەن، شەكلى كەڭ تۇخۇمسىمان، رەڭگى سۇس قوڭۇر كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ، غولىنى كېسىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاغلىقلارنىڭ كۈنگەي جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق.بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قاننى سوۋۇتۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئەڭلىكئوتتىن تۆت گرام، چۈچۈكبۇيىدىن ئىككى گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا ناۋات قوشۇپ ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۆت گرام ئەڭلىكئوتنى ئالتە گرام ئۆرۈك مېغىزى، 35 گرام ھۆل قومۇش يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام ئەڭلىكئوت، 15 گرام كىرەش، 12 گرام يۇلغۇن، 10 گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، 12 گرام زىرىق، 10 گرام ئوغرىتىكەن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سەزگۈرلۈكى ئشېىپ كېتىشتىن بولغان سۆسۈن داغقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەڭلىكئوتتىن سەككىز گرام، چىلاندىن 10 تال، روياندىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 25% لىك ئەڭلىكئوت مېيىنى ھاك سۈيى بىلەن سۈزۈلدۈرۈپ، داكا بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەڭلىكئوتتىن تۆت گرام، چۈچۈكبۇيىدىن ئىككى گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا ناۋات قوشۇپ ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۆت گرام ئەڭلىكئوتنى ئالتە گرام ئۆرۈك مېغىزى، 35 گرام ھۆل قومۇش يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام ئەڭلىكئوت، 15 گرام كىرەش، 12 گرام يۇلغۇن، 10 گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، 12 گرام زىرىق، 10 گرام ئوغرىتىكەن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سەزگۈرلۈكى ئشېىپ كېتىشتىن بولغان سۆسۈن داغقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەڭلىكئوتتىن سەككىز گرام، چىلاندىن 10 تال، روياندىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 25% لىك ئەڭلىكئوت مېيىنى ھاك سۈيى بىلەن سۈزۈلدۈرۈپ، داكا بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئەڭلىكئوت | UyghurWiki | UyghurWiki