جەمبىل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، جەمبىلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يۇقىرىقى قىسمى كۆپىنچە ئۇدۇل شاخلانغان؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، تار تۇخۇم شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقلىرىدا كۆپىنچە ئۇششاق شاخلىرى بولىدۇ؛ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى، كۆپىنچە قولتۇقىدا ياكى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، كۇنۇسسىمان بولۇپ توپلىشىدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى سۇس كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە گۈلى ئېچىلغاندا ئورۇپ يىغىپ، توغراپ، ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرى ۋە يايلاقلاردا
ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئاشقازان ۋە ئۈچەينى تازىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سۈيدۈك ۋە
ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قىزىتمىنى پەسەيتىش، قاننى جانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
جەمبىلنى ئەنجۈر سۈيى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دەم سىقىش ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى ئەنجۈر قېقىنىڭ سۈيى بىلەن ئەرەق تارتىپ ئىچىپ بەرسە، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
جەمبىلنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مەددىنى چۈشىرىدۇ.
جەمبىلنى كەرەپشە سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكتىكى تاشنى چۈشۈرۈپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
جەمبىلنى سىركەنجىۋىل بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھامىلە تەۋرەپ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
جەمبىلنى بادرەنجى بۇيا ۋە تۇرۇپ بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يانپاش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى ئەرەق تارتىپ، تۆگە سۈتىنىڭ پىشلىقى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ.
جەمبىلنى خىيار شەنبەر بىلەن قوشۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملەرنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، كۆكىنى يوقىتىدۇ.
جەمبىلنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىچىك تىل ئىششىقى، ھۆللۈكتىن بولغان ئۆپكە ئىششىقى ۋە
زەھەرلىك ھاشارات چېقىۋالغان ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنى قايناق سۇغا سېلىپ، سۈيىدە ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
جەمبىل بىلەن شېكەرنى قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاندىكى بۇسلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى
توسۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
توققۇز گرام جەمبىلنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چايان چاققان يەرنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جەمبىلنى سىركە ۋە زىرە بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چىش ۋە گال ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى سۈت بىلەن قوشۇپ، قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقدارىكى جەمبىلنى ئېزىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، قاتتىق ئىششىقلارنىڭ ئاغرىقىنى
پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، كىندىك چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جەمبىلنى ئاز مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، خېمىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ، مۇنچىدا بەدەنگە چېپىپ بەرسە، قىچىشقاققا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى كۆيدۈرۈپ ئۆيگە ئىسرىق سالسا ياكى ئۆيگە قويۇپ قويسا، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى قاچۇرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جەمبىل شېخىنى تۆت ھەسسە سۇدا سۈيىنىڭ تۆتتىن بىرى قالغۇچە قاينىتىپ، ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ ھارارىتىنى
پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنىڭ گۈلىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سەپرا ۋە بەلغەمنى سۈرىدۇ.
تۆت گرام جەمبىلنى سىركە ۋە ھىندىستان تۇزىغا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئەزالارنىڭ ھەم تىلنىڭ ئىششىقلىرى ۋە ئېغىز ئىچىگە چىققان
مۇدۇرلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جەمبىلنى سۇدا قويۇلغىچە قاينىتىپ، ئاز مىقداردىكى ھەسەل ۋە سەككىز گرام گۈلقەنت قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ
بەرسە، زەھەر قايتۇرۇپ، سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جەمبىلنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ھەركۈنى ئاخشىمى تۆت گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاندىكى
سېسىق گاز ۋە مېڭىدىكى ئاچچىق سۇلارنىڭ كۆزگە چۈشۈشىنى توسۇپ، زېھىننى قۇۋۋەتلەپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جەمبىلنى گۈل يېغى بىلەن بىللە بەدەنگە چېپىپ بەرسە، پالەچ، لەقۋا، تىترىمە كېسەللىكلىرى، مۇپاسىل ئاغرىقلىرى،
قۇلۇنجى، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى ئەنجۈر سۈيى بىلەن ئەرەق تارتىپ ئىچىپ بەرسە، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
جەمبىلنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مەددە چۈشۈرىدۇ.
جەمبىلنى كەرەپشە سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
جەمبىلنى مۇسەللەس بىلەن قوشۇپ ئىچسە، شاۋكىران (ئاق باش ئوت) ۋە ئەپيۈن زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.
جەمبىلنى سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھامىلە جايىدىن تەۋرەپ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
جەمبىلنى بادرەنجى بۇيا ۋە تۇرۇپ بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يانپاش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنى سىركىگە چىلاپ سىركەنجىۋىل قىلىپ بېرىلسە، تال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلدە ئەرەق چىقىرىپ، تۆگە سۈتىنىڭ پىشىلىقى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ.
جەمبىلنى خىيار شەبنەر بىلەن ئارىلاشتۇرپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل تاياق زەخىملىرىنىڭ كۆكلىرىنى يوقىتىپ، ئاغرىقىنى
پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنىڭ شىرىسىنى چىقىرىپ ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كىچىك تىلنىڭ ئىششىقلىرى، ھۆللۈكتىن بولغان ئۆپكە ئىششىقى،
زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىۋېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى چايناپ بەرسە، چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
جەمبىلدىن توققۇز گرامنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چايان چاققان جاينىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقىنى
پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنى سىركە ۋە زىرە بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چىش ۋە گال ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنىڭ سىقىلغان سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا، كۆزگە چۈشكەن ئاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى چۈچۈكبۇيا گۈلىنىڭ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تېمىتسا، مېڭىنىڭ زىيادە ھۆللۈكىنى قۇرۇتىدۇ؛ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق
ئېغىرلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى سۈت بىلەن قوشۇپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنى ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا، قاتتىق ئىششىقلارنىڭ ئاغرىقى پەسەيتىدۇ.
جەمبىلنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ كىندىككە چېپىپ بەرسە، كىندىك چوڭلۇقىغا مەنپەئەت قىلىپ، قورساقتىكى يەللەرنى تارقىتىدۇ.
جەمبىلنى قاينىتىپ خېمىر قىلىپ مۇنچىدا بەدەنگە چېپىپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى كۆيدۈرۈپ ئۆيگە دۇت سالسا ياكى ئۆيدە ساقلىسا، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى قاچۇرىدۇ.
جەمبىل شېخىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تۆت ھەسسە سۇدا سۈيىنىڭ تۆتتىن بىرى قالغۇچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كۆپ
كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنىڭ گۈلىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سەپرا، بەلغەم ۋە ھۆللۈكنى سۈرىدۇ.
تۆت گرام جەمبىلنى سىركە بىلەن ھىندىستان تۇزىغا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەم ۋە سەپرانى سۈرۈپ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ھۆل جەمبىل گۈلىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئەزالار ۋە تىلنىڭ ئىششىقلىرى، ئېغىزنىڭ ئىچىگە چىققان مۇدۇر
قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنىڭ قويۇق قاينىتىلمىسىنى شېكەر، ھەسەل ياكى گۈلقەنت بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرۇپ، سوغۇقتىن
بولغان كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ بەدەنگە چېپىپ بەرسە، پالەچ، لەقۋا، تىترىمە، پەي كېسەللىرى، مۇپاسىل ئاغرىقلىرى، قۇلۇنجى، ئاشقازان
ۋە ئۈچەي ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى چالا ئېزىپ بەدەنگە چېپىپ بەرسە، مۇپاسىل ئاغرىقلىرى، قۇلۇنجى، لەقۋا، تىترىمە، پالەچ قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جەمبىلنى نان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، توسالغۇلارنى ئېچىپ، جىگەر كېسەللىرىنى يوقىتىپ، باھنى قوزغايدۇ.