UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىبالدىرغان

بالدىرغان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بالدىرغانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.1 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسكەن بولۇپ، ياپىلاق تۈۋرۈكسىمان شەكىلدە بولىدۇ، ھەر يىلى توغرىسىغا بىر بوغۇم ھاسىل قىلىپ بىر غول چىقىرىدۇ، كونا غولى قۇرىغاندىن كېيىن بىر تۆشۈك ئورۇن قالىدۇ، پۈتۈن يىلتىزسىمان غولىدا چاچما يىلتىزلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، ئالاھىدە پۇرىقى بار، غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئىككى ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، يوپۇرماق سېپى غىلاپسىمان چوڭىيىپ غولىنى ئوراپ ئالىدۇ، كىچىك يوپۇرماقلىرى پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلىدۇ؛ گۈل رېتى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ؛ گۈلى كىچىك، رەڭگى ئاق. قوش ئاسماق مېۋىسى كەڭ تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ، بۆلەكچە مېۋىسىنىڭ بەش دانە تار قانىتى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ، لايلىرى ۋە چاچما يىلتىزلىرىنى تازىلىۋېتىپ، نېپىز كېسىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ باغرى، چاتقاللىق، ئورمان بويلىرى ۋە تاغ جىلغىسى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. سوغۇق يەل ۋە بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 3 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. بالدىرغاندىن 12 گرام، كەۋرەكتىن 10 گرام، چاچراتقۇدىن 12 گرام، بەيجژدىن سەككىز گرام، سەبدىگۈلدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامدىكى باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام بالدىرغاننى 10 گرام چۈۋەنچۇڭ، 21 گرام بەيجژ، 20 گرام خام گەج، 18 گرام سەبدىگۈل، 12 گرام ئىزغۇل، 12 گرام جۇلاغ باشىقى، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. بالدىرغاندىن 20 گرام ۋە ساڭجۇدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان تۈگۈلۈپ، قورساق قاتتىق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. بالدىرغان ۋە بەيجژنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، دانىخورەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى