برىتانىيە قارا ئەندىزى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قارا ئەندىزگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ، يۇقىرىقى قىسمى شاخلانغان، ھەممە يېرىدە زىچ ئۆسكەن ئاق تۈكلەر بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، تېمىنە شەكلىدە، يوپۇرماقنىڭ تۈۋى قىسمى كېڭىيىپ، غولنى يېرىم ئوراپ تۇرىدۇ، يوپۇرماق گىرۋىكى تولۇق ياكى تېيىز چىشلىق بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل رېتى ئۆگزىسىمان تىزىلغان، گۈللىرى ئالتۇن سېرىق رەڭدە، مېۋىسى ئورۇق، ئىنچىكە - كىچىك كېلىدۇ، مېۋىسىنىڭ ئاق تاجىسىمان تۈكلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يېڭى چېچەكلىگەن ۋاقىتتا، گۈل باشاقلىرىنى ئۈزۈۋېلىپ، غول يوپۇرماقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ يەر ئۈستى قىسمىنى چېچەكلىمەستە ئۈزۈۋېلىپ، توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېرىق - ئۆستەڭ، يول بويلىرى ۋە ئېتىز قىرلىرى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
دەم سىقىشنى بېسىش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
برىتانىيە قارا ئەندىزىدىن 12 گرام، ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدىن 10 گرام، زۇلفا ئۇرۇقىدىن 12 گرام، ئۆرۈك مېغىزىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، يۆتەل ۋە بەلغەم كۆپىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام برىتانىيە قارا ئەندىزىنى 10 گرام زۇلفا ئۇرۇقى، 12 گرام زۇلفا شېخى، 15 گرام ئۆرۈك مېغىزى، 20 گرام ئاچچىقتاۋۇز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك سىقىلىش ۋە بەلغەملىك دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
برىتانىيە قارا ئەندىزىدىن 12 گرام، قىزىل تۆمۈر رۇدىسىدىن 10 گرام، ئىشلەنگەن بەنشىيادىن سەككىز گرام، قانتېپەردىن يەتتە گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام، خام زەنجىۋىلدىن ئۈچ ياپراق، چىلاندىن بەش تال (توغراپ) ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.