ئاچچىق بادام
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئازغان ئائىلىسدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە
تاتلىق بادامغا ئوخشايدۇ. ئەمما مېغىزى ئاچچىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان مېغىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئىششىقلارنى تارقىتىش، چىرايغا جۇلا بېرىش، بەدەن ۋە تېرىنى پارقىرىتىش، قويۇق خىلىتلارنى
تازىلاش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئۈچ گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاچچىق بادامنى يۇمشاق ئېزىپ، سىركە بىلەن باشقا چېپىپ بەرسە، باش ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
ئاچچىق بادامنى يۇمشاق ئېزىپ، تارتسا، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
ئاچچىق بادامنى مۇۋاپىق ھالدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، زىققە، يۆتەل، كۆكرەك ۋە ئۆپكە ئىششىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق بادامنى نىشاستە ياكى يالپۇز بىلەن سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق بادامنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىگەر، تال كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق بادامنى ھەسەل سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە، قۇلۇنجىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق بادامنى مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاپ، تاشنى ئېزىپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، تاش چۈشۈرىدۇ.
ئاچچىق بادامنى سوقۇپ باشنى يۇيۇپ بەرسە، كېپەك ۋە پىتنى يوقىتىدۇ.
ئاچچىق بادامنى ئېزىپ لاتىغا ئوراپ بالىياتقۇ ئاغزىغا قويۇپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئاچچىق بادامنى ئېزىپ سىركە ياكى شاراب بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، كونا ۋە يامرايدىغان جاراھەتلەر، ھۆل مودۇر - چاقا، قۇبا،
قىچىشقاق، ماشرا قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق بادامنى يۇمشاق ئېزىپ سۇيۇلدۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تېرىدىكى قارا داغ ۋە ئىزلارنى يوقىتىدۇ.
ئاچچىق بادامنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، نەملىكنى يوقىتىدۇ.
ئاچچىق بادامنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غالجىر ئىت چىشلىگەن يارىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.