سەبدىگۈل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، سەبدىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، سېپى بولىدۇ، گىرۋەكلىرىدە يېرىقچىلىرى ياكى چىشلىرى بولىدۇ. كۈزدە چېچەكلەيدۇ. گۈلىنىڭ رەڭگى، شەكلى ۋە چوڭ - كىچىكلىكىدە ئۆزگىرىش كۆپ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ئېچىلغاندا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
يەل ھەيدەش، ئىسسىقنى تارقىتىش، جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، چاقا - جاراھەتلەرنىڭ زەھىرىنى تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەبدىگۈل، پۇنۇس، جىنتىيانا، ئەگرىسۇنا، ئاق چۇغلۇقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامداپ
قىزىپ، باش ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سەبدىگۈلنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكام، قىزىتما، باش ئاغرىقى، كۆز قىزىرىش، گال ئاغرىش، باش قېيىش ۋە
قۇلاق ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەبدىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، زۇكام، قىزىتما، كۆز تورلىشىش ۋە جىگەر ھارارىتى ئۆرلەشكە
مەنپەئەت قىلىدۇ.