ياۋا ماش
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ياۋا ماشقا ئۇرۇقداش
بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى ئىنچىكە، ئۇزۇن، تىك ئۆسىدۇ، قويۇق، ئاق يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ؛
يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، بارماق شەكىللىك ئۈچ قۇلاقلىق يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى ئۇزۇن سوقىچاق ياكى تەتۈر تېمىنە شەكلىدە،
تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ، دۈمبىسىدە زىچ ئۆسكەن قىسقا يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ، قوشۇمچە يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، شەكلى تېمىنىگە
ئوخشايدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، كېپىنەك شەكلىدە، گۈل كاسسىسى قوڭغۇراقسىمان كېلىدۇ، مېۋىسى
قاسىراقلىق، شەكلى ياپىلاق، ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان شار شەكلىدە، رەڭگى قارا، پارقىراق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە غول ۋە يوپۇرماقلىرى تازا پىشقان ۋاقتىدا ئورۇۋېلىپ،
توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى چۆپلەرنىڭ ئارىسى، دەريا
ۋادىلىرى ۋە ئورمان چەتلىرىدىكى يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
بەلغەم بوشىتىش، يۆتەلنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ياۋا ماشتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەملىك زىققىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ياۋا ماشنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىپ، يۆتەل توختىتىدۇ.
ياۋا ماشتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.