تاغ سامسىقى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پىيازغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۈرى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرىنچى خىلى كىچىك، دانىسى يوق، پوستى ئايرىلمايدۇ، تەمى ئاچچىق. بۇ تاغ سامسىقى ياكى ياۋا سامساق دېيىلىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇششاق، كەڭرەك، توپا رەڭ، رەڭگى قىزىلغا مايىل، تېنى ئۇزۇن. ئىككىنچى خىلى سامساققا ئوخشايدۇ. تەمى بەكمۇ ئاچچىق ئەمەس، دانە - دانە بولىدۇ، گۈلى ئاق، تېنىمۇ ئاق، ئۆتكۈر خۇش پۇراقلىق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى پىشقاندا پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، يەل تارقىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 2 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا
2 ~ 4 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 5 ~ 6 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تاغ سامسىقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نەپەس سىقىلىش، تال كېسەللىكلىرى، ئىستىسقا قاتارلىقلارغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
تاغ سامسىقىنىڭ ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەپ، جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى تاغ سامسىقىنىڭ بېشىنى تەڭ مىقداردىكى ئىنەكپىتى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، قەغەز ئۈستىگە چاپلاپ پۇتقا تېڭىپ
بەرسە، كۆكرەك پەردە ياللۇغى ۋە قورساق پەردە ياللۇغىدىكى سۇ يىغىلىشلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ سامسىقىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.