ماڭدار
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان، ماڭدارغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، دائىم دەرەخلەرگە يامىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە ئۈچ ~ بەش مېتىر كېلىدۇ؛ غولى ياغاچقا ئايلانغان،
بوغۇملىرى چوڭايغان بولىدۇ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى غولى ئادەتتە ئالتە قىرلىق بولۇپ، كېسىلگەن يۈزىدە نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكلەر بولىدۇ؛
يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك ياكى يۇمىلاق شەكلىدە،
يوپۇرماق گىرۋىكى ھەرە چىشىسمان بولىدۇ؛ گۈلى سۇس سېرىق، سىرت تەرەپتىكى ئاتىلىقلىرى گۈل تاجى ياپراقچىلىرىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن،
ئانىلىق گۈل تۈۋرۈكى ئاق رەڭلىك پەيسىمان بولىدۇ، مېۋىسى ئورۇق مېۋە، شەكلى ياپىلاق، دۈگىلەك.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غولى ۋە شېخى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز، كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، پاكىز يۇيۇپ، نېپىز كېسىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى ئورمان ۋە چاتقاللىق ئارىسىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ئىسسىقنى قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ماڭداردىن سەككىز گرام، جەزبۇزاردىن 12 گرام، كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقىدىن 35 گرام، لېپەكگۈلدىن 20 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام ماڭدارنى 12 گرام ئۈچقات، سەككىز گرام زىرىق، 12 گرام پاقىيوپۇرمىقى، ئالتە گرام چۈچۈكبۇيا يىلتىز ئۇچى بىلەن بىللە سۇدا
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر دوۋساق ياللۇغى، سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىش ۋە سۈيدۈك يولى ئېچىشىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام ماڭدارنى 12 گرام ئۈچقات، سەككىز گرام زىرىق، 12 گرام پاقىيوپۇرمىقى، ئالتە گرام چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، 12 گرام قورۇغان قارا
ئارچا، 10 گرام كىچىك خوخا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.